ئىككى كورىيە قوشۇنلىرى بىر - بىرىگە ئوق چىقاردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-10-19
Share


19 - ئۆكتەبىر كۈنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدىكى چېگرا نۇقتىسىدا ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى ئارىسىدا قىسقا ئېتىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ، 10 نەپەر شىمالىي كورىيە ئەسكىرى ئىككى كورىيە ئارىسىدىكى غەيرى ھەربىي نۇقتىدىكى ھەربىي چېگرا لىنىيىسىگە يېقىنلاشقان. جەنۇبىي كورىيە تەرەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاڭلىمىغان،نەتىجىدە جەنۇبىي كورىيە ئەسكەرلىرى ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقىۋەتتە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 10 مىنۇت ئوققا تۇتۇش ئېلىپ بېرىلغان. ئېتىشىش توختىغاندىن كېيىن شىمالى كورىيە ئەسكەرلىرى چېكىنىپ كەتكەن. ئەمما بۇ قېتىملىق ئوق چىقىرىشتا ئىككى تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ۋە ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن.

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر قېتىم ئېتىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ، شىمالىي كورىيە تەرەپ جەنۇبىي كورىيە تەرەپكە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.

نۆۋەتتە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭيۇننىڭ جەنۇبىي كورىيەگە قارىتا ھەربىي تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇمشىشى، ياكى كورىيە خەلقىنىڭ بىرلىككە كېلىشىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلمەيۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە،

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت