كورلا-گولمۇت تۆمۈر يولىنىڭ رېلىسىنى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى تاماملانغان
2019.06.17
خىتاي، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ كورلا ۋە خوتەن رايونلىرىنى تۆمۈريول ئارقىلىق بىۋاسىتە خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىگە باغلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كورلا-گولمۇت تۆمۈر يول رېلىسى ياتقۇزۇلۇپ بولغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسىدە قاتناش باشلانسا، بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە خوتەن ۋىلايىتى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بىۋاسىتە ئېچىۋېتىلىپ، خىتايلارنىڭ بۇ جايلارغا، بولۇپمۇ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىگە كېلىشى ئۈچۈن قۇمۇل، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەرلەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈشىگە ھېچقانداق ھاجەت قالمايدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1213 كىلومېتىرلىق كورلا-گولمۇت تۆمۈر يولىنىڭ رېلىسىنى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى 16-ئىيۇن كۈنى تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى رەسمىي قاتناش باشلىنىشى پىلانلانماقتىكەن. گولمۇت-كورلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى 2017-يىلى 5-ئايدا باشلانغان. بۇ قۇرۇلۇش دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنىدى.
گولمۇت-كورلا تۆمۈر يولى چىڭخەيدىكى گولمۇتتىن باشلىنىپ، مىران، چارقىلىق، لوپنۇر قاتارلىق ناھىيەلەردىن ئۆتۈپ، كورلا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ تۆمۈر يول چاقىلىق ناھىيىسىگە كەلگەندە 2 لىنىيەگە ئايرىلىدۇ. بىر لىنىيە كورلىغا، يەنە بىر لىنىيە خوتەنگە قاراپ ماڭىدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى 2018-يىلى 5-ئايدا تەستىقلىغان. ئەسلى پىلاندا خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنى گولمۇت-كورلا تۆمۈر يولى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پۈتتۈرۈش پىلانلانغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىدا خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ لىنىيە لوپ، چىرىيە، كېرىيە، نىيە، چەرچەن ناھىيەلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تۆمۈريول لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 22 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان ئىكەن.