ئىككى يىغىندا بەزى ۋەكىللەر ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆز تونۇش تېخنىكىسىنى خىتاي مىقياسىغا كېڭەيتىش تەكلىپى بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.03.19

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك يىغىنىدا بەزى ۋەكىللەر ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان كۆز تونۇش تېخنىكىسىنى خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيتىپ، كىملىك تونۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش تەكلىپى بەرگەن. لېكىن، بۇ تەدبىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇلار، ئەگەر خىتايغا داۋاملىق يول قويۇلسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ تەدبىرلىرىنىڭ باشقا جايلارغا كېڭىيىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28 نەپەر ۋەكىلى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تەكلىپ لايىھەسىدە كۆز تونۇش تېخنىكىسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كارتىسى، پاسپورت ۋە كىملىك كارتىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ تېخنىكا ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كىملىك بېجىرىش، بانكا ھېساب نومۇرى ئېچىش، پاسپورت ئېلىش، نوپۇس دەپتىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كارتىسى، پېنسىيە گۇۋاھنامىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش قاتارلىقلار نۇرغۇن ساھەلەردە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق پۇقرالارنى كونترول قىلىشنىڭ سىناق مەيدانى بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قان تىپى، د ن ئا ئەۋرىشكىسى، كۆز ۋە چىراي تونۇش، بارماق ئىزى ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە كىشىلەرنىڭ ئىش ھەرىكىتى ۋە پىكىرىگە قاراپ نومۇر قويىدىغان ئىجتىمائىي كرېدىت سىستېمىسى قۇرۇپ، نومۇرى ئۆلچەمگە توشمىغان كىشىلەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى ياكى بەزى ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىنى چەكلىگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب ئۇ تەدبىرلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.