خىتاينىڭ كامېرالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىدىكى كەيپىياتلارنىمۇ كۆزىتەلەيدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.05.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىپ ۋە نازارەت سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەممىگە مەلۇم بولغانىدى. ھالبۇكى، خىتاي تېخىمۇ كۈچلۈك نازارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بۇ تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن توختاپ قالمىغان.

BBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى كەيپىياتلارنى تونۇيالايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرا سىستېمىسىنى ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلغان. خىتاينىڭ بىر يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ساقچى پونكىتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان شەرت ئاستىدا BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئىنژىنېر ئۆزى خىزمەت قىلغان شىركەتنىڭ ئىسمىنى چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما 5 ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ، بۇلارنىڭ چىرايدىكى كەيپىياتنى تونۇش سىستېمىسىنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خۇددى تەجرىبىخانىدىكى چاشقانلارغا ئوخشاش سىناق قىلىدۇ. ساقچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ساقچىخانىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ‹كويزا-كىشەن ئورۇندۇقى› دىن پايدىلىنىدۇ، بۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغانلارنىڭ پۇت-قولى سىمدەك نەرسىلەر بىلەن بەنت قىلىنىدۇ. بىز كەيپىياتنى كۆزىتىدىغان كامېرانى ئۈچ مېتىر ئارىلىققا قويۇپ سىنايمىز، بۇ خۇددى يالغانچىلىقنى سېزىۋېلىش ئاپپاراتىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ ئىلغار،» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرى خىتاينىڭ تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىدىكى بۇ «تەرەققىياتى» دىن ھەيران قالغان ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى بۇنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ۋە تىنچلىق» ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.