خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا 650 مىڭ ئادەم قېتىم «كەسپىي تەربىيە‏» ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.20

خىتاي دائىرىلىرى 2019‏-يىلى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇلارغا قارىتا 650 مىڭ ئادەم قېتىم ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىپ بارغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20‏-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش كىنىشكالىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» 240 مىڭ 140 ئادەم قېتىم بولۇپ، پىلاندىكىدىن 258 % ئارتۇق ئورۇندالغان. لېكىن خەۋەردە «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قايسى جايلاردىكى كارخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇلارنىڭ ئازراق ئىش ھەققى بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەرلەردە «ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى» مەسىلىسىنىڭ خىتايدا بىر خىل تىجارەت كەسپىگە ئايلانغانلىقى، بەزى خىتاي ئەمگەك مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى» نى توردا ئاشكارا بازارغا سېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پروگرامما 2020‏-يىلى داۋاملىق كېڭەيتىلىدىكەن. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى مەزكۇر پروگراممىغا بۇ يىل 680 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر بۇ يىللىق «تەربىيەلەش» نىڭ نۇقتىلىق كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان «نىشانلىق توپ»، كىنىشكالىق نامرات شەھەر-يېزا ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.