كۇچادا بىر ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىراپ، 10 ئادەم ئېتىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.06.24


خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئاخباراتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 22 - ئىيۇن قەشقەردە ۋەقە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاقسۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچا بازىرىدا بىر ساقچى پونكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدا 10 ئادەم ئېتىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم.

خىتايدىن چىقىدىغان «سىنا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24 - ئىيۇن ھۇجۇمچىلار ئۇچا بازىرىدىكى بىر ساقچىخانىغا كۆيدۈرگۈچ بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان. 10 ھۇجۇمچى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن. توقۇنۇشتا ساقچى تەرەپتىن ئۆلگەن - ياكى يارىلانغانلار بار يوقلۇقى نامەلۇم.

خىتاي ئاخباراتلىرى ئېلىۋېتىلگەنلەرنىڭ بارلىق ھۇجۇمچىلارنى تەشكىل قىلىدىغان ياكى قالمايدىغانلىقى، ئەگەر باشقا ھۇجۇمچىلارمۇ بار بولسا ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «دوڭۋاڭ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر كۇچا ناھىيەسى تەۋەسىدە جىددىي ئاختۇرۇش ۋە ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ئىنئام بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

رادىئومىز بۇ ۋەقەنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللەنمىگەن بولغاچقا، ھازىرچە ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانى تېخى ئاشكارىلانمىدى.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي كىشى مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

22 - ئىيۇن قەشقەرنىڭ تاختاكۆرۈك مەھەللىسى ئەتراپىدا قاتناش ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 نەپەر ساقچىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 18 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.