خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.11.13

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى قامالغان، دەپ قارىلىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل لاگېرلار سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتنى «ئۇيغۇرلار غايەت زور ساندا لاگېرلارغا قامالغان، دېگەن ئىغۋالارغا قۇلاق سالماسلىق» قا چاقىرغان. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مىش-مىش پاراڭلار ۋە ئەپقاچتى گەپلەرگە ئۇنداق ئاسان ئىشىنىپ كەتمەسلىك لازىم. شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چەتئەلدىكىلەر ئەمەس، بەلكى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ياخشى بىلىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قاماۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەۋاتقاندا ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى «پىتنە-ئىغۋا» دەپ جاكارلىشى خەلقئارانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماس بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ؛ «تەربىيەلەش لاگېرى، دېگەننى ھەرقانداق قىلىپمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ جايدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىشىمىز لازىم» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇلتۇزلاردەك پەيدا بولغان «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» بىخەتەرلىك نازارىتى ۋە ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن بەكمۇ زور ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ ھەمدە بۇنىڭ رولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

ئالاقىدار شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرغا قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ خىلدىكى «ساقچى پونكىتلىرى» ۋە باشقا ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق «نۇقتىلىق ئاھالە» تىزىملىكىگە چۈشكەن كىشىلەر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.