«لاكوست» مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.03

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇتقۇنلار ئەمگىكى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا دۇنياغا داڭلىق ماركىلاردىن بولغان «لاكوست» (Lacoste) مەھسۇلاتلىرىدىن بىر قىسىم پەلەيلەرنىڭ لاگېرلاردا ئىشلىنىۋاتقانلىقى مۇنازىرە قوزغىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 3-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «لاكوست» ماركىلىق پەلەيلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلمەكتە ئىكەن.

ئەمما مەزكۇر شىركەتنىڭ باياناتچىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ «خىتايدىكى زاۋۇتلارنى بىر قىسىم كىشىلەر ئېكسكۇرسىيە قىلغان بولسىمۇ، بۇنداق ئەھۋالنى بايقىمىدۇق» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئىلى ۋىلايىتىدە ئىشلەنگەن بۇ پەلەيلەردىن بىر قىسمى ياۋروپادا سېتىلغان بولۇپ، قالغانلىرى ھازىرچە شىركەتنىڭ ئىسكىلاتىدا ساقلانماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە «لاكوست» شىركىتى 1933-يىلى فىرانسىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، كىيىم-كېچەك، خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى، سائەت ۋە ئەتىر دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تونۇلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.