ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئىستاتېسكىلىق مەلۇماتلار ئاشكارا بولماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2018.09.26

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كانادادىكى بىرىتانىيە كولومبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن ئوقۇغۇچىسى شاۋىن جاڭ 24-سېنتەبىر تىۋېتتىرىغا چاپلىغان ئۇچۇرىدا ھازىرغىچە بايقالغان لاگېرلارنىڭ سانى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ سانى ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان.

شاۋىن جاڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئېنىقلاپ بېكىتكەن لاگېرلارنىڭ سانى 50 تىن ئارتۇق ئىكەن. بۇ لاگېرلارنىڭ كۆلىمى نەچچە يۈز كۋادرات مېتىردىن نەچچە ئونمىڭ كۋادرات مېتىرغىچە كېلىدىكەن. ئۇ تىۋېتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 105 شەھەر ۋە ناھىيەدىن پەقەت 25 ناھىيە ۋە شەھەردىكى لاگېرلارنىلا تەكشۈرۈپ كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۆزى تەكشۈرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، پەقەت لاگېرلارغا قامالغۇچىلار سانىنىڭ بىر مىليونغا يېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاتالمىش «قايتا ئۆزگەرتىپ-تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، يەنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك يېڭى ئىستاتېسكىلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا سولانغان تۇتقۇنلار سانىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان كىچىك بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز ۋە ئاتا-ئانا مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەسىس قىلغان چىرايلىق ناملاردىكى بالىلار لاگېرلىرى، يەنى دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا ئۈندىدار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان بىر ئۇچۇرغا قارىغاندا، قەشقەر شەھىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بولغاچقا قارانچۇقسىز قالغان بالىلار جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق جەھەتلەردىن زەربىگە ئۇچراپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قورقۇنچ ۋە مەنىۋى كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەزكۇر ئۇچۇردا ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ بوينى قىسىلغان بالىلارغا ئىگە چىقىش چاقىرىق قىلىنغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق ئېغىر ۋەزىيەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلاردا كۈنسايىن ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەمدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ بۇ جايلارغا قامىلىشى سان-ساناقسىز ئائىلىلەرگە ۋە بالىلارغا ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.