تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى: «بېيجىڭ ئولىمپىكى شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا يول ئېچىپ بەردى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.11

ئامېرىكىدىكى ژۇرنالىست ۋە مۇتەخەسسىس نىتىن كوكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ 2022‏-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى سوراق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

نىتىن كوكانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2008‏-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە، بۇ خىتاينىڭ ئەركىنلىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئولىمپىك شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەن.

ئۇ ھازىر بېيجىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەنچىڭ رايونىدا 2022‏-يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ باشقا بىر رايونىدا يەنە بىر خىل قۇرۇلۇشنىڭ، يەنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بېيجىڭنىڭ مەزكۇر لاگېرلىرىدا بىر مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان ئەھۋالدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشى كېرەكمۇ-يوق، دېگەن مەسىلە سورىلىشى كېرەك ئىكەن. 2008‏-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن «ئولىمپىك خىتايدا ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ» دېگەن قاراش بىلەن بۇ نارازىلىققا سەل قارالغان.

نىتىن كوكانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاممىۋى گۇرۇھلار، ئاخبارات ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كېڭەيتمەيلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مۇسابىقە: «تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن دەۋر بۆلگۈچ نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇ، ئۇلارغا خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە باستۇرۇشنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندەك سىگنال بەردى» دېگەن.

يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى. نىتىن كوكانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ماركۇ رۇبىئونىڭ چاقىرىقى دىققەت قوزغىيالمىسا، 2022‏-يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشتىن چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىكەن.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، 2008‏-يىلىدىكى ئولىمپىك بايقۇت قىلىنغان بولسا بەلكىم بۇنىڭ ھېچقانداق پەرق ياراتماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، لېكىن بۇ قېتىم «بايقۇت ئۇتۇقلۇق بولسا «بۇ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.