خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە بۇلتۇر 12-ئايدىن ئېتىبارەن پاكىستان، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى ۋە بىر قىسىم مۇخبىرلارنى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلەردىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە كەم دېگەندە 3 قېتىم يۇقىرىدىكىدەك زىيارەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. تېخى مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى پاكىستان، ۋېنسۇئېلا، كۇبا، مىسىر، كامبودژا، رۇسىيە، سېنېگال ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دىكى زىيارەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىشىچە، خىتاي 4-تۈركۈمدە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئالجىرىيە، ماراكەش، لىۋان، مىسىر، سىنگاپور، ۋىيېتنام، لائوس، بىرما، كامبودژا، باڭلادىش، رۇسىيە، تۈركمەنىستان، گىرۇزىيە، ھونگارىيە ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. ئۇلارنىڭ زىيارىتىنىڭ كېلەر ھەپتە ئىچىدە بولىدىغانلىقى مەلۇم ئىكەن. بىراق يۇقىرىقى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ زىيارەت ھەققىدىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قويغان. لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەلۇم بىر مەنبە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا لىۋاننىڭ بۇ زىيارەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بولسا گىرۇزىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق يەنە بىر دىپلومات ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ھازىر باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭمۇ لاگېر مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئورتاق سەپتە يەر ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىپلوماتىك مەنبەلەر رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە قوزغىلىۋاتقان نارازىلىق ئىنكاسىدىن، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا جازا تەدبىرى قويۇشىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە. شۇڭا ئۇلار بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بەكرەك دوستانە بىر پىكىر ئېقىمىنى ئالغا سۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ»، دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت