«تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ «ئىجابىي رولى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا جامائەتنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەنقىدى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇنلاردىكى كۇرسانتلارنى «يېڭىلىق» ۋە «زامانىۋىلىق» قا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى قايتا-قايتىلاپ تەكىتلەشكە باشلىدى.

«خىتاي خەۋەرلەر» تورىدا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن مەرھابانىڭ «دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە» لەرنىڭ ئاسارىتىدىن خالاس بولۇپ، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ جايدا رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىپ «جۇڭخۇا تۇپرىقىنىڭ گۈزەللىكىنى جەۋلان قىلدۇرىدىغان مەنزىرىلەرنى كۆپلەپ سىزغانلىقى» نى ئالاھىدە خەۋەر قىلىدۇ. ھالبۇكى مەرھابا بىلەن ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئانچە راۋان بولمىغان خىتايچە تىلدا ئۆزئارا پاراڭلىشىشىنى خىتاي ئاخباراتى ئۇلارنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىگەنلىكىگە مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.

خىتاي مۇخبىرلار يەنە بۇ جايدا «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىز كۇرسانتلارنىڭ ئۇزۇن ئىسلامىي لىباسلارنى ۋە ھېجابلىرىنى سېلىپ تاشلاپ «چاچ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى»، شۇنىڭدەك «گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاياللىق لاتاپەتنى تېخىمۇ ئۆزگىچە ئەكس ئەتتۈرۈشكە مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى» كۆرگەن. شۇ ئارقىلىق بۇ كۇرسانتلارنىڭ بۇ جايلاردا جىسمانىي قىيناققا ئەمەس، بەلكى ماھارەت ۋە تالانت يېتىلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ.

ھالبۇكى بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى بېشىدىن كەچۈرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى بولسا بۇ جايلاردا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنىڭ قاتتىق جازالار بىلەن زىچ بىرلەشكەن مەجبۇرلاش شەكلىدە يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئېتىراپ قىلىشى ۋە بۇنى «زامانىۋىلىققا قاراپ قەدەم ئېلىش» دەپ تەسۋىرلىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ لاگېرلاردا ئەنە شۇنداق مېڭە يۇيۇش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارىماقتا.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى مەجبۇرىي ئۆگىنىۋاتقان خىتاي تىلىدا ئانچە راۋان بولمىغان ھالدا سۆزلىشىشى پۈتۈنلەي سۈنئىيلىك. ئۆز تىلىغىمۇ ئىگە بولالمىغان بۇ كىشىلەر يەنە نېمىگە ئىگە بولالىشى مۇمكىن؟» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت