ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.19

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەۋسىيە قىلغان ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇنى «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ چاقىرىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئۆكۈنگەنلىك بىلدۈرۈلگەن. بۇ چاقىرىقتا: «خىتاينىڭ بارلىق شەكىللەردىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش توغرىسىدا بېرىلگەن تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىمىز» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى دەردىنىڭ ئۆزلىرىنى بەكمۇ زور ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ.

بۇ چاقىرىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قويۇۋېتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش ھەمدە ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە ئۇنى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ شوتلاندىيەلىك ئەزاسى ئالىستايىر كارمايكىل 19-مارت كۈنى «شوتلاندىيەلىكلەر» تورىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە مەجبۇرىي خاراكتېردىكى ئىچكى ئەزا سودىسىنىڭ قاماقتىكى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۇنيا جامائىتى، شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ خىل ۋەھشىلىككە قاراپ ئولتۇرسا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.