كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت باش كاتىپىنى لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئەيىبلىشى، شى جىنپىڭغا لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپ ئۇ 25‏-ئاپرېل بېيجىڭدا باشلانغان 2‏-نۆۋەتلىك «بىر بەلۋاغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا يېزىلغان. مەكتۇپتا، ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، لاگېر سىرتىدا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭغا ب د ت دىكى ئاچقۇچلۇق بەزى شەخسلەر جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ قايتا-قايتا ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكى، ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سادا چىقمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن.

مەكتۇپتا، «سىزنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىڭىز ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانداق بولۇشى ب د ت باش كاتىپىنى ئەندىشىگە سالمايدۇ، دېگەن سىگنالنى بەرمەكتە» دېيىلگەن.

مەكتۇپتا يەنە يوشۇرۇن دىپلوماتىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈشتە پايدىلىق رول ئوينىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خىتايغا ئىشلىمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بۇ. شىنجاڭدىكى كرىزىسنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇ بېيجىڭنىڭ بۇ رايوندىكى زەربە بېرىش ۋە باستۇرۇشىغا خاتىمە بېرىدىغاندەك قىلمايدۇ. يەڭ ئىچىدە قىلىنغان سۆزلەر خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئاشكارا سۆزلەش پۈتۈن دۆلەتكە سىگنال بېرىدۇ» دەپ تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر مەكتۇپ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننىس روت «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، گۇتېررېسنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىر مىليوندەك تۈركىي مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى. لېكىن گۇتېررېس خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ماختاش، شى جىنپىڭغا قىزىل گىلەم سېلىشتىن باشقا تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىپ قويمىدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت