ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يالغانچىلىقلىرىغا ئىشەنمىگەن
2019.05.08
بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنى زىيارەت قىلدۇرغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق «ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەت» ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى روب شىمىتزنى خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى ساختا كۆرۈنۈشلىرىگە ئىشەندۈرەلمىگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان مەزكۇر رادىيونىڭ مۇخبىرى روب شىمىتز 7-ماي كۈنى «‹ئاشقۇن ئىدىيەلەر› سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلار ئۆزىدە شۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدىغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇخبىر روب شىمىتز لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن نېمە سەۋەبتىن بۇ يەردە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا، يېشى چوڭ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا «مەندە ئېغىر 'ئاشقۇن' ئىدىيە بار، مەن بالىلىرىمنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇردۇم. مەن ئۇلارنى ناخشا ئېيتقىلى، ئۇسسۇل ئوينىغىلى قويماي، ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويدۇم،» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ماقالىدە يەنە ئاتۇشتىكى مەلۇم بىر قايتا تەربىيە لاگېرى خادىمىنىڭ سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنغان. ئۇ سۆزىدە «بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ‹ئاشقۇن ئىدىيە› نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، كۆپىنچىلىرى خىتايچىنى، ھەتتا خىتاينىڭ قانۇنىنى چۈشەنمەيدۇ. بۇلار ئىقتىدارسىز ۋە تەربىيە كۆرمىگەن كىشىلەر» دېگەن. روب شىمىتزنىڭ تەكىتلىشىچە، يۇقىرىقى سۆزلەر «ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىدۇ؟» دەيدىغان سوئالنى پەيدا قىلىدىكەن.
قەشقەردىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دائىرىلەر مۇخبىرلارنى «تەربىيەلەنگۈچىلەر» نىڭ ياتاق بىناسىنى زىيارەت قىلدۇرغان. بۇ جەرياندا تۇتقۇنلار ھەر ئالتە ئادەمنىڭ بىر ياتاقتا تۇرىدىغانلىقى، ياتاقنىڭ ئىنتايىن راھەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. ھالبۇكى، مۇخبىرلار تامنىڭ بۇرجىكىگە يېزىلغان، ئەمما ئۈستى بىر قەۋەت سىرلانغان نەچچە قۇر خەتنى بايقىغان، خەتتە «بۇ ياتاق بەك ئېسىل، چىدا يۈرىكىم» دەپ يېزىلغان ئىكەن.