جوۋ بايدېن: «بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مەنتىقىسىزلىقتۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.29

ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوۋ بايدېن خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ مەنتىقىسىزلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدېننىڭ ئۇغۇرلار ھەققىدىكى بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان سايلام پىلانىدا تىلغا ئېلىنغان. جوۋ بايدېننىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئۇ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، «شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى گەپ قىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ قورقۇنچلۇق باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار شەخس ۋە شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدىكەن.»

جوۋ بايدېن يەنە ھىندىستاندىكى ئاسسام، كەشمىر، بىرمادىكى روھىڭگالىق مۇسۇلمانلار ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇ كەشمىر ھەققىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىپ، كەشمىردىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. جوۋ بايدېن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ غەربىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرى قامىلىشى مەنتىقىسىزلىق. مەن پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىمدە شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى سۆزلەيمەن. بۇ قورقۇنچلۇق باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار شەخس ۋە شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىمەن.»

جوۋ بايدېن ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى شەخس ھەم شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قانداق كونكرېت جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكادىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا بىر سىياسىي پارتىيە نامزاتىنىڭ سايلام پىلانىدا تىلغا ئېلىنىشىدۇر. بۇ يىل 11-ئايدىكى سايلامدا جوۋ بايدېن بىلەن پرېزىدېنت دونالد ترامپ پرېزىدېنتلىقنى تالىشىدۇ. پرېزىدېنت ترامپ يېقىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغان. مەزكۇر قانۇندا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مەۋجۇت قانۇنىي چارىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.