خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي 13‏-ئاۋغۇست ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى، لېكىن ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان بەزى كىشىلەرگە قايتا-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ ليەنخې ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.

ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 10‏-ئاۋغۇست كۈنىدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، 2 مىليوندەك كىشىنى قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. يىغىندا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاي مىكدودوگال خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەخپىي لاگېرغا ئايلاندۇرغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خۇ ليەنخې ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بارلىق پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى تەڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر مىليون كىشىنىڭ قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغانلىقىغا دائىر پىكىرلەر توغرا ئەمەس. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ كەلدى. . . دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە بولسا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق ياردەم بېرىش لازىم» دېگەن.

يىغىندا گاي مىكدوگال خىتاي ۋەكىللىرىگە سوئال قويۇپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىدۇق دېيىش ھېچنېمىنى ئىسپاتلىمايدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلىشتىن كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېھتىياجلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «مېنىڭ بايقىشىمچە، سىلەر قايتا-تەربىيەلەش ياكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش پروگراممىسىنىڭ ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمايۋاتىسىلەر،» دېگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، د ئۇ ق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق 20 دەك خەلقئارا ئاممىۋىي تەشكىلات ب د ت غا دوكلات سۇنۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى» ناملىق تەشكىلات ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت