ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مىليونلىغان مۇسۇلمان قامالغان بولۇشى مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا «مىليونلىغان ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرى قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ABC قانىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى «تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى مىليونلارچە بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا،» دېگەن.

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنستىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان تۇتقۇنلار سانىنىڭ مىليونلارچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇر.

ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش مەركەزلىرى»دە ۋە 2 مىليوندەك كىشىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە سىياسىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. لېكىن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى «خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يامان غەرەزلىك بۆھتانى» دېگەن ئىدى.

ABC قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى يەنە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىپادىلىشىگە قارىتا پەرقلەندۈرمەي تۇرۇپ چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئاشقۇنلىق ۋە زوراۋانلىققا يول ئاچىدۇ،» دېگەن. خەۋەردە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بايانات ئېلان قىلىشتىن باشقا ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىۋاتقانلىقى، بۇ ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ بىرىنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت