خوڭكوڭدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامايىش قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار 2‏-سېنتەبىر كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشنى، لاگېرلارنى تاقاشنى، ئۇيغۇر رايونغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ باياناتىدا «يېقىنقى بىر يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى تەدرىجىي ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا سولاندى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 ئۇيغۇردىن بىرى قاماققا ئېلىندى. دائىرىلەر يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات، يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىدى. ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇلدى. ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىدى. قايتىپ كەلگەنلەر ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلىق ئارتىشى، ساقال قويۇشى، ناماز ئوقۇشى جىنايى ئىپادە دەپ قارالدى. مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش توختىتىلدى،» دېيىلگەن.

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى لياڭ گوشيوڭ بولۇپ، ئۇ «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە خىتاينى تەنقىدلەپ، «شىنجاڭدا ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زىيانكەشلىكنى ب د ت بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ تەكشۈرسىلا مەلۇم بولىدۇ. بۇ بىر خەلقئارا قائىدە. سەن شىنجاڭدىكى ئەھۋاللارنى باشقىلارنىڭ ئىغۋاسى، دەپ كەلدىڭ. ئۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى ئەركىن زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويساڭلار بولدىغۇ،» دېگەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى دېموكراتلار پارتىيەسى، ئىشچىلار پارتىيەسى، خوڭكوڭ خرىستىئان مۇرىتلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي دېموكراتىيە بىرلەشمىسى قاتارلىق 16 سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھ ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ئېلىپ بارغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت