لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى خانىۋەيران قىلىۋاتقانلىقى دۇنيانى چۆچۈتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىلدىكى قاماقنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قانداق سورۇقچىلىقلارنى سېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان پەرزەنتلەرنىڭ خانىۋەيرانچىلىققا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نامەلۇم ئىدى.

4-سېنتەبىر كۈنى سىگال سامۇئېل ئىمزاسىدا «ئاتلانتىك» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئەنە شۇ مەسىلىلەر تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا سولانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ جۇدالىقى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى «ھالىدىن خەۋەر ئېلىش» ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغان دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كەتكەن. ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا بولغان بۇ گۆدەكلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلانغان بۇ خىلدىكى دارىلئېتاملاردا پۈتۈن ئەۋلاد بويىچە يېڭى «مىللىي كىملىك» ھاسىل قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدا بۇ خىلدىكى دارىلئېتاملارغا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ باشقا ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاش مەكتەپلەرگە بارالمايدىغانلىقى، ئالتە ئايلىقتىن 12 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ «جاڭگالدىكى ماللارنى قوتانلارغا سولىغاندەك» قىستاڭ دارىلئېتام ئۆيلىرىگە بەند قىلىنىدىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ گۆدەكلەرنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، بۇنىڭ بىلەن لاگېردىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ «پاش بولمىغان جىنايەتلىرى» پاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر جازاغا مۇپتىلا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئامېرىكىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى مۇشۇ يوسۇندا ئۇلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللىي ئەنئەنىسى ۋە كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا 1990-يىللىرى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى ئىچكىرىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسىمۇ بۇ چارە كېيىنكى ۋاقىتتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. ئەمدىلىكتە خىتايلاشتۇرۇشنىڭ بۇ يېڭى ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا چىقماقتا» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت