BBC ئاگېنتلىقى لاگېردا يېتىپ چىققان بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەنىڭ BBC خەۋەر ئاگېنتلىقى 6-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى.

خەۋەردە BBC ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جون سىۋىنىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردا يېتىپ چىققان ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «ئازاد» دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ لاگېردا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

ئۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ياتقان جايدىكى مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ھەر كۈنى توختىماي «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» نى يادلاش، ھەرخىل قانۇن-تۈزۈملەرنى يادلاش، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن پارتىيەگە، شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىش دېگەندەك روھىي قىيناقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇمۇ خۇددى ئىلگىرى لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن قازاقىستانلىق ئۆمۈربەككە ئوخشاشلا لاگېرلاردا قېيىن-قىستاق بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئازاد ئىسىملىك كىشى يەنە ئۆزى ياتقان لاگېردا ئىلگىرى ئۆزى تونۇشىدىغان كىشىلەر بارلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ خۇددى ماشىنا ۋەقەسىدىن كېيىن ئېسىنى يوقاتقان كىشىلەرگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى، ئۆزىمۇ ئېغىر روھىي بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن ھازىرغىچە كېچىلىرى قارا بېسىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈچلۈك پاكىتلارغا ئاساسەن بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر لاگېردا يېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە بۇ ھەقتە گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ھەم ئامېرىكىلىق تارىخچى راين ساملارنى زىيارەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت