جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر گېزىت ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر يازغان ژۇرنالىستنى ئىشتىن بوشاتقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.09.06

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ خەلقئاراغا تارقىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

6-سېنتەبىر كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ «مۇستەقىل ئاخبارات» ناملىق گېزىتى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى، ژۇرنالىست ئازاد ئېسسانىڭ سەھىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يازغان خەۋىرى سەۋەب بولغان ئىكەن.

6-سېنتەبىر كۈنى ئازاد ئېسسانىڭ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئىككى يىلدىن بېرى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ «مۇستەقىل ئاخبارات» گېزىتىدە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ھەپتىلىك ئىستون ماقالىلىرى يېزىپ كەلگەن.

بۇ ھەپتە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلماننى لاگېرغا قامىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر يېزىپ، گېزىت تەھرىر ھەيئىتىگە تاپشۇرغان.ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «خىتاي خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە شىركىتى گۇرۇھى» ۋە «خىتاي-ئافرىقا تەرەققىيات فوندى» دىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئورگان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ «مۇستەقىل ئاخبارات» گېزىتىنىڭ بىر قىسىم پاي چېكىگە ئىگە بولغانلىقتىن ئۇ بۇ ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئىشەنچ قىلالماي قالغان بولسىمۇ، چارشەنبە كۈنى ماقالە دۆلەت مىقياسىدا تارقىتىلىدىغان گېزىتتە نەشر قىلىنغان.بىراق ئۇ ئارقىدىنلا گېزىت تەھرىراتىدىن ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ گېزىتنىڭ تور بەت نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېلخەت تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا گېزىتتىن ئۇنىڭغا بىر جاۋاب كەلمىگەن.

كۈتۈلمىگەندە ئۇ بۈگۈن ئۆزىنىڭ گېزىتتىكى مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەت تاپشۇرۇۋالغان. گېزىت دائىرىلىرى خېتىدە «گېزىتىمىزدىكى سەھىپىلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۆزگىرىش ۋە يېڭى سىستېما تۈپەيلىدىن مەخسۇس ئىستون يازغۇچىلىرى ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىمۇ ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلدى،» دەپ يېزىلغان.  

ئىستون يازغۇچىسى تىۋىتتېردىكى سۆزىدە «بۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېلەچىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتىمۇ؟» دەپ يازغان. ئۇ تىۋىتتېر ئارقىلىق ئاشكارىلىغان بۇ ۋەقە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى مېلىسسا چېن قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ تارقىتىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.  

فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا، ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست مېگا راجاگوپالان قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە خەۋەر يازغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان ژۇرنالىستلار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.