ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.10

ب د ت نىڭ يېڭى سايلانغان كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلىت دۈشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىرغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ قىلغان مەزكۇر تۇنجى سۆزىدە لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەن. لېكىن ئۇنىڭ سۆزىگە خىتاي ھازىرغا قەدەر ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

مىشېل باشېلىت سۆزىدە، «ئۆتكەن ئايدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، شىنجاڭ مىقياسىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدەك كىشىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يەكۈنى بىز ئېرىشكەن باشقا مەلۇماتلارغا تايانغان. مەلۇماتلاردا يەنە باشقا رايونلاردىمۇ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بىز بۇ مەلۇماتلار ئاساسىدا ھۆكۈمەتتىن خىتايدىكى بارلىق رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

مىشېل باشېلىت چىلىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بولۇپ، ئۇ يېقىندا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا سايلىنىپ، رائاد-ئەل ھۈسەيىننىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان ئىدى. ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا يىغىۋالغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ بۇ كىشىلەرنى قانداق قانۇنى ئاساسقا تايىنىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سوراق قىلىنغان ئىدى.

مىشېل باشېلىت يۇقىرىقى سۆزلەرنى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقى، خورلاۋاتقانلىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى» غا دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان كۈنى قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى، سابىق تۇتقۇنلارنى، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.