پائالىيەتچى زۇبەيرە شەمسىدىن لاگېرلار مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۆپ تەرەپلىمە ئىنكاس تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.12

يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەر بېرىۋاتقان «زىمىستان» ئاخبارات تورى بۈگۈنكى سانىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇبەيرە شەمسىدىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى.

زۇبەيرە شەمسىدىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تارىخىدىن باشلانغان ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشكەن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە لاگېرلار مەسىلىسىدە غەرب دۇنياسىنىڭ يەنە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

زۇبەيرە بۇ ھەقتە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئۈنۈملۈك يوللار بىلەن ئارىلىشىشتىن باشقا يەنە خەلقئارا جامائەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئىنسان ھەقلىرى بۇ دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن ئىلىم ۋە ئىلمىي خادىم ئالماشتۇرۇش ئىشىنى قىلالمايدىغانلىقىنى ئاشكارا دېيىشى كېرەكلىكىنى؛ ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنسانلار زۇلۇم چېكىۋاتقان بىر دۆلەتكە كۆڭۈل ئاچقىلى بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«زىمىستان» تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ماقالىسىدە زۇبەيرە شەمسىدىننىڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا سۆھبەت داۋامىدا «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ قوللىنىلىشىنى رەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

سۆھبەت خاتىرىسىدە دېيىلىشىچە، زۇبەيرە سۆھبەت ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىمۇ ۋە بۈگۈنمۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە تىنچ، ئەركىن ۋە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتتىن خالىي ياشاشتىن باشقا تەلىپىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالىي مائارىپىدا يېتىشكەنلىكىنى، ئەمما سىياسىي ئاڭ جەھەتتە ئۆزىگە سىڭدۈرۈلمەكچى بولغاننىڭ تەتۈرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.