فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى: خوتەندە بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» ئۈچۈن 1367 كويزا، 2768 توقماق سېتىۋېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.24

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى يېقىندا خىتاينىڭ خەلققە ئاشكارا تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ قالغان، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەت، خەۋەر، توختامنامە ۋە ئۇقتۇرۇش قاتارلىق يازما ماتېرىياللىرىنى توپلاپ چىققان.

جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق بۇ خىل ماتېرىيالنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزكۇر ئاگېنتلىق، خوتەندىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىگە 2768 ساقچى كالتىكى، 550 توك كالتەك، 1367 كويزا، 2792 قۇتا كۆز ياش ئاققۇزغۇچ سېتىۋېلىنغانلىقىنى بايقىغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، توپلانغان ماتېرىياللاردىن بىرىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگونىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى مەكتەپتەك ئىشلىتىش، ھەربىي گازارمىدەك باشقۇرۇش ۋە تۈرمىدەك قوغداش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بۇيرۇقى تىلغا ئېلىنغان.

يەنە ماتېرىياللاردىن بىرىدە بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ كۇرسانتلارنى «ياخشى جۇڭگو پۇقراسى» قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى قىرقىش، ئالاقىسىنى ئۈزۈلۈش كېرەكلىكى بۇيرۇلغان. ماتېرىياللارنىڭ يەنە بىرىدە مەلۇم بىر تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ بۆرە چىشى دەپ ئاتىلىدىغان كالتەك، يولۋاس ئورۇندۇق دېيىلىدىغان قىيىن-قىستاق ئەسۋابى سېتىۋالغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىر كەسپىي تەربىيە ئورنى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەر بۈگۈن خەلقئارا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا خەۋەرلەردە يۇقىرىقى ئۇچۇرلار ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ مەكتەپ ئەمەس جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىنكار قىلىنماس پاكىتى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۈگۈنكى ياھو خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، بۈگۈن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا دۇچ كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، مەزكۇر ئۇچۇرلارنى كەسكىن ھالدا رەت قىلالمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىگە كۈچلۈك گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتنى بۇ تېمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتىنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.