«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.11.01

ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۈگۈن مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەنقىد قىلدى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز ھالدا قۇرغان ۋە مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى قامىۋالغان بۇ لاگېرلارنى دەسلەپتە ئىنكار قىلغان. ئەمما خىتاي بۇ يىل نويابىردا جەنۋەدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئالدىدا تۇيۇقسىزلا مۇقامىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىراق بۇ ئورۇنلارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىدىغان» ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇ تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا سولىۋالغان بۇ لاگېرلارنى خەلقئاراغا يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدىكەن. چۈنكى ئىنسانلارنى ھېچقانداق قانۇن تەرتىپىسىز، سوتسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇش پۈتۈنلەي قانۇنسىز بولۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارا تاراتقۇلار، جۈملىدىن ب ب س، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقان قورقۇنچلۇق دېتاللارمۇ خىتاينىڭ يۇقىرىقى ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسەتمەكتىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن يېتىمخانىلارغا ئاپىرىۋېتىلگەن بالىلار مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئۆز ئۆيلىرىدە ئاتالمىش خىتاي «قوشماق تۇغقانلىرى» تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە «مانا بۇ خىلدىكى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان پاكىتلار تا يېقىنغىچە سۈكۈتتىن باشقىنى كۆرمىدى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلدى. بىراق يېقىندىن بۇ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىدى. ب د ت نىڭ يېڭىدىن سايلانغان كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىچەل بەچېلىت خانىم بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالدى. يەنە باشقىلارمۇ ئۆز ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىۋاتىدۇ. دېمەك، ھازىر نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنى بىزگە ئايدىڭ بولدى. ئەمدىكى مەسىلە كىم ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ دېگەن مەسىلىدۇر،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.