«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا لاگېرلارنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپلىرىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.05

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 5‏-نويابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سوراق قىلىش، لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرىنى تەنقىد قىلغان.

بۇ ماقالە ب د ت نىڭ6‏-نويابىر باشلىنىدىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان.

خەلقئارادىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلار يىغىندا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر مىليوندەك مۇسۇلمان قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن ماقالىدا «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ئاقلىنىپ، خىتاينىڭ ب د ت دا سوتلانمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«ب د ت نىڭ يىغىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «خۇددى خىتاي ب د ت دا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرى سەۋەبلىك جىددىي سوراققا تارتىلىدىغاندەك خەۋەرلەرنى بېرىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، «ئاشقۇنلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا خىتاي تىلى، دۆلەت قانۇنى ۋە ھۈنەر-سەنئەت ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن».

خىتاي دائىرىلىرى ب د ت نىڭ يىغىنى ھارپىسىدا يەنە يەرلىك تاراتقۇلاردىكى لاگېرلارنى ئاقلاش پائالىيىتى ۋە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، 3‏-نويابىر كۈنى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 50 تەك مۇتەخەسسىس» نى تەشكىللەپ، خوتەن شەھىرى ۋە خوتەن ناھىيەسىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت ئۆمىكىدىكى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ سېكرېتارى جاۋ ۋېنخوڭ: «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش ئارقىلىق قۇتقۇزۇشتەك بۇ خىل يېڭى ئۇسۇل كىشىلىك ھوقۇققا ئەڭ ياخشى ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە قوغدىغانلىق» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلاردا «كەسپىي تەربىيە ئارقىلىق ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن خەلقئارانىڭ بۇ ئورۇنلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلدى. ئامېرىكىدىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فرانشس ئېۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «ئېتنىك تازىلاش» ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.