د ئۇ ق خەلقئارا جەمئىيەتنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى تاقاش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.16

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 15‏-نويابىر كۈنى 8 ماددىلىق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك لاگېرلار سىستېمىسىنى تاقاشقا چاقىرىشى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي بۇرچى» ئىكەن.

باياناتتا، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا، تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملىرىگە شەرت قىلىپ كىرگۈزۈشى، بۇ جىنايەتكە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا ئىمبارگو قويۇشى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر چەتئەل گراژدانلىرىنى ھەم سىياسى پانالانغۇچىلىرىنى قوغدىشى تەلەپ قىلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتى كانادا باشچىلىقىدىكى 15 غەرب دۆلىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى چېن چۈئەنگوغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. غەرب ئەلچىلىرىنىڭ مەكتۇبى خەلقئارادا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان. ئامېرىكا ئۇنىڭ ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 16‏-نويابىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خىتاينى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ: «بىز كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ۋە خورلىغان شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلارغا نىشانلىق تەدبىر قوللىنىشنى قوللاشنى ئويلىشىمىز» دېيىلگەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، يۇقىرىقى 8 ماددىلىق چاقىرىق مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ساھىپخانلىقىدا يېقىندا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بېكىتىلگەن. بۇ يىغىنغا پائالىيەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى بولۇپ 250 دەك ئادەم قاتناشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.