خىتاي، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى باربېل كوفلېرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىش تەلىپى رەت قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى باربېل كوفلېر ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى بولۇپ، خىتاي تەرەپكە ئىلتىماس سۇنغان. بىراق، خىتاي ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

باربېل كوفلېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا «مەن ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى بىۋاسىتە ھالدا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. بىراق، مەن شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش تەلىپىمنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كوفلېر خانىم گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۈچۈن خىتايغا بارىدىكەن. ئۇ، 6- ۋە 7-دېكابىر كۈنلىرى تىبەتنىڭ مەركىزى لخاسادا خىتايدىكى چېكىدىن ئاشقان كونترول، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە بىر كىشىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى تەڭ جازالاش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

كوفلېر خانىم مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتايدىكى بارغانچە ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، «بۇنى تۈزىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەلەپلىرىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەش» ئورنى ئىكەنلىكىنى، «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ بۇ «ئارامبەخش» ئورۇنلاردا خۇشاللىق بىلەن دەرس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسىمۇ ئەمما خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايونغا بېرىپ ئەمەلىيەتنى كۆرۈشىگە قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت