بەزى جايلاردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ بانكا قەرزى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بەزى جايلاردا يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ بانكا قەرزىنىڭ ئۇلارنىڭ لاگېر سىرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى بىر ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى لاگېرلار سەۋەبىدىن مەزكۇر كوپىراتىپنىڭ بېرىلگەن قەرزلەرنى ۋاقتىدا يىغىۋالالمىغانلىقى، بۇنىڭ كوپىراتىپقا بەلگىلىك زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى، شۇڭا قەرزنى لاگېردىكىلەرنىڭ تۆلەش مۇمكىنچىلىكى بولغان لاگېر سىرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تۆلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كېرىيە ناھىيە يېڭىباغ يېزىلىق ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئامانلىق مۇدىرىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەردىن 242 كىشىنىڭ قەرز مۇددىتىنىڭ كەينىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۆسۈمىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىدىن باشقا، قەرزنى ئۇلارنىڭ لاگېر سىرتىدىكى بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ ئۇچۇر بەزى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياخشى قاراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى ئىنكار قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ لاگېرلارنى پات يېقىندا تاقاش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت