خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ زور ئۈنۈمى بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.11.06

خەلقئارادا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي تېمىلاردىن بولۇشى، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا بۇ مەسىلىنىڭ قاتتىق تەرزدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ لاگېرلارنىڭ «ئىجتىمائىي ئۈنۈمى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتنىڭ ھەممىلا جاينى قاپلىشى بەلگىلىك دەرىجىدە دىققەت قوزغىماقتا.

6-نويابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «خەلق گېزىتى»دە «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» دەپ ئاتىلىۋاتقان لاگېرلاردا خىتايچە ئۆگىنىش، قانۇن ئۆگىنىش، «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» قاتارلىق تېمىلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇن بولۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 6-نويابىر سانىغا بېسىلغان «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ھەققىدىكى ماقالىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ قۇرۇلغان لاگېرلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» خىزمىتى ئۈچۈن مول تەجرىبىلەر ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «تەربىيەلەش ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋېلىنغان» تۇرسۇنجان سادىر ئۈچ ياشلىق قىزىنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن ناخشىلار ئىچىدە خىتايچە دۆلەت شېئىرىنى ئەڭ ياخشى ئېيتالايدىغانلىقىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما پىنيەن بولسا «مۇشۇ ئۇسۇلدا دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىشنىڭ بەكمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. قارايدىغان بولساق ئۆتكەن 22 ئايدا ھېچقانداق زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتى» دېگەن.

ھالبۇكى، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار مەسىلىسىدە تەنقىدلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ھەرقايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، جۈملىدىن ب د ت، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا «ئۈچ خىل كۈچەر» گە زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ پەردازلىنىۋاتقان لاگېرلارنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.