لاگېرلار ۋەزىيىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.07

ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى داررېن بايلېر ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان لاگېرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ماقالىسىدە مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ۋە تەسىراتلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇردى.

تەتقىقاتچى داررېن بايلېرنىڭ «ساپچاينا» (SupChina) تورىدا 6‏-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە شائىرە مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەدنىڭ «ئوتنىڭ ئىچىگە قايتىش» ناملىق شېئىرى بىلەن شائىر ئابدۇشۈكۈر مەمەتنىڭ «كېچە» ناملىق شېئىرىنى تەرجىمە ۋە تەھلىل قىلىپ، ئۇيغۇر رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سەۋەبلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىق ئوي-خىياللىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

مەزكۇر شائىرلارنىڭ قىسمەن شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بۇ ماقالىغا تۇتقۇندىكى سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت، ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئېغىزلىرى تېڭىلغان ھالەتتىكى رەسىملىرى كىرىشتۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ «باغرىمدا باراقسان قىساس تىكىنى» ماۋزۇلۇق شېئىرى ۋە بۇ شېئىر بىلەن ئاپتورنىڭ شەخسىي كەچمىشلىرى ئارىسىدىكى باغلىنىش چۈشەندۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.