خىتاي سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ ئالدىراپ تاقالمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.26

20-مارتتىن 25-مارتقا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولىنىپ ياتقان ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى «مۇقىم ۋە تىنچ» دەپ مەدھىيەلىگەن ۋە رايوندا ئاتالمىش «3 خىل كۈچ» لەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە تۇمشۇق شەھەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

قەشقەر ۋە تۇمشۇقنى بىتەرەپ كۆز بىلەن كۆزەتكەن ھەرقانداق بىر تەكشۈرگۈچىنىڭ بۇ شەھەرلەردە ۋەيران بولغان ئائىلىلەر، يېتىم قالغان بالىلار ۋە توختاپ قالغان ئىش-تىجارەتنى بايقىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت: «ۋاڭ ياڭنىڭ مەقسىتى رايوندىكى رېئاللىقىنى كۆرۈش ياكى ئۇنى تۈزىتىش ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە ساقچى كۈچلىرىگە جاسارەت بېرىش» دېدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئاستا-ئاستا تاقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر ۋاڭ ياڭنىڭ زىيارەت جەريانىدا قىلغان سۆزلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئالدىراپ تاقالمايدىغانلىقىدىن بىر بېشارەت دەپ قاراشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.