ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا چېتىشلىق چاچ مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە تەۋسىيىنامە ئېلان قىلغان كۈنى، يەنى 1-ئىيۇل كۈنى نيۇ-يورك شتاتلىق تاموژنا ۋە چېگرا مۇھاپىزەت ئىدارىسى خىتايدىن كەلگەن 13 توننىلىق چاچ مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى گېزىتى» نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم مۇسادىرە قىلىنغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىى قىممىتى 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ‍ئىچىدە يالغان چاچ زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. بۇلارنىڭ مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدە «خوتەن لوپ ناھىيەسىدىكى مېيشىن چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى ئىشلىدى» دېيىلگەنىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ چاچلىرى كېسىلىپ، چاچ مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرىنىڭ تەييار خام ئەشياسى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس مەزكۇر گېزىتكە سۆز قىلىپ «زامانىۋى قۇللۇق ھازىرمۇ ئاشۇ لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكادىكى يالغاچ چاچ سېتىۋالغۇچىلارنى بۇ چاچلارنىڭ كىملەرنىڭ بېشىدىن كېسىۋېلىنغانلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشقا چاقىرىمەن» دېگەن.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى برېندا سىمىس خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ مەھسۇلاتلار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسادىرە قىلىندى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت