مۇتەخەسسىس مايكىل كلارك: «ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار خىتاينىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئەمەس، ئاجىزلىقىنىڭ بېشارىتى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىس مايكىل كلارك ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ لاگېرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاجىزلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋالدى؟» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدا خىتاينىڭ بۇرۇندىنلا ئۇيغۇر رايونىغا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورنى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنىڭ سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاپتور شى جىنپىڭنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقىدەك تارىخىي ساۋاقتىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە قايتىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خۇددى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش قىزىل ناخشا توۋلاتقۇزۇش، قىلمىشىغا توۋا قىلدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن مېڭە يۇيۇش دولقۇنى قوزغىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مايكىل كلاركنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىغا كۆپ ساندا كۆچمەن يۆتكەش، پۈتۈن ئىقتىسادىي ھوقۇقنى مونوپول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يۇتۇۋېلىش غەرىزىدە بولۇپ كەلگەن، بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن، خىتاي بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز سىياسىتىدىن كۆرۈشنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەردىن كۆرۈپ كەلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى قارشىلىق ئىدىيىسىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ بىر خاتا خۇلاسە ۋە تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مايكىل كلارك بۇ لاگېرلارنىڭ يالغۇز ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىلىرىنى دەپسەندە قىلىشلا ئەمەس، خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى مەنپەئىتىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە لاگېرلار مەسىلىسىدىن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردىكى پەيلىنى بىلىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاپتور ئاخىرىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت