لى كېچاڭ كەرىم مەسىموفنىڭ قازاقىستان باش مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.03.28


خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنخۇا ئۆزىنىڭ باش بېتىدە خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچاڭنىڭ قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموفنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئىلى كېچاڭ تەبرىكنامىسىدە خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستان ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن «زاكون.ئۆز» تورىدىكى تەپسىلاتتا بايان قىلىنىشىچە، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى 6 - قېتىملىق يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرى كەرىم مەسىموف باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، 107 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە 96 كىشى قوللاش ئاۋازى بەرگەن.

كەرىم مەسىموف ئۆزىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك باش مىنىستىرلىق مۇساپىسىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئارىلىقتا 2007 - 2012 - يىللىرى، 2014 - يىلى، ۋە 2015 - يىلى ئۈچ قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىدى.

20 - مارت كۈنى قازاقىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

51 ياشلىق كەرىم مەسىموفنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى بىر مەزگىل قازاقىستاندا غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېتنىك تەۋەلىكىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خىتايدا ئالىپ مائارىپ تەربىيىسى ئالغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھۋاللار تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان ئىدى.

مەتبۇئات ئىنكاسلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەرىم مەسىموف باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان يىللاردا قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ سودا - ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى ھەم ھەمكارلىقلىرى تېز راۋاجلىنىپ، سودا سومما مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.