تۇتقۇندا تۇرغان موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا ئاخىرى ئۆيىگە قايتتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-09
Share

«دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن 1995-يىلى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا 2010-يىلى جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىنمۇ، ئىپادىسى ياخشى ئەمەس دېگەن باھانىدە داۋاملىق قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى شىننا ۋە ئوغلى ۋېيلەننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەرز قىلىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن، خادا ئەپەندى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 9-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئۆيىگە قايتۇرۇلۇپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولدى.

9-دېكابىر كۈنى چۈشتە خادا ئەپەندى قاماقتىن قويۇپ بېرىلىشى ھامان، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. خادا ئەپەندى سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن يەنە ئائىلىسى بىلەن جەم بولغانلىقىنى، ئەمما ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا يەنىلا قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خادا ئەپەندى مۇخبىرغا يەنە ئۆزىنىڭ جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق قانۇنسىز تۇتقۇندا تۇرغان 4 يىل ۋاقتى ئۈچۈن ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى ئۈستىدىن قانۇن بويىچە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان 15 يىل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قانۇنسىز تۇتقۇندا تۇرغان 4 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا باشتىن-ئاخىرى ئۆز ئىرادىسىدە چىڭ تۇرغان. بۇ سەۋەبتىن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەن جازاسىغا ۋە روھى جەھەتتىكى ئازاپلاشلارغا ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت