لوبى شىركەتلىرى قارا تىزىملىك تەھدىتىدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە باشلىدى
2024.02.22
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم شىركەتلەرگە خىزمەت قىلغان ئامېرىكا لوبى شىركەتلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.
بۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ شىركەتلەر خىتاي خېرىدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى قارار قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لوبى شىركەتلىرى خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن غايەت زور ساندا ھەق ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.
«سىياسىيون» (Politico) ژۇرنىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ ھەقتىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ قاتاردا ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ «ك» كوچا (K Street) سېدىكى ئەڭ داڭلىق لوبى شىركەتلىرىدىن بولغان بروۋنستېين (Brownstein) شىركىتىگە خىتاي ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىق بولغان شىركەتلەرگە خىزمەت قىلماسلىقنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭدەك بىر قىسىم لوبى شىركەتلىرى خىتاي خېرىدارلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«دېموكراتىيەنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى كرايگ سىنگلېتون (Craig Singleton) خىتايغا لوبىچىلىق قىلىپ كەلگەن بۇ شىركەتلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «لوبىي شىركەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا باغلىنىشلىق شىركەتلەرگە لوبىيچىلىق قىلغان شىركەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش يەنى قارا تىزىملىككە ئېلىش ھەر قانداق بىر سىياسىيون ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئۈچۈن ئاسانلىقچە جۈرئەت قىلىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ شىركەتلەر سىياسەت بەلگىلەش ۋە مەبلەغ توپلاشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
2023-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي خېسەي گۇرۇھىغا لوبىيلىق قىلىشنى باشلىغان ئاكىن گۇمپ سترائۇس (Gump Strauss Hauer & Feld) شىركىتى خىتاي خېرىدارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. بۇ شىركەت خېسەي گۇرۇھىغا لوبىيچىلىق قىلىش جەريانىدا 300 مىڭ دوللار لوبىچىلىق ھەققى ئالغانلىقىنى دوكلات قىلغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكا تەۋەسىدە خىتايغا لوبىيچىلىق قىلغان كۆپلىگەن شىركەتلەر دوكلات ئېلان قىلغان ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتتە لوبى شىركەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى، لوبى شىركەتلىرىدىن خىتاي شىركەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ قىلمايدىغانلىقنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن.









