لوپنور كۆلى ئەتراپىدىن 20 مىليون توننا تۆمۈر زاپىسى بايقالدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى لوپنور كۆلىگە يېقىن جايدىكى تاغلىق رايوندىن زور كۆلەمدىكى تۆمۈر كان زاپىسى بايقالغان بولۇپ، خىتاي كان تەكشۈرۈش تارماقلىرى دەسلەپكى قەدەمدە مەزكۇر جايدىن بايقالغان تۆمۈر زاپىسىنىڭ تەخمىنەن 20 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

بۇ ھەقتە تەڭرى تاغ تورى ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ رايوندىن ئۆتكەن يىلى 1 مىليون 300 مىڭ توننا زاپاسقا ئىگە نېكېل كانى بايقالغان ئىدى.

ھازىر خىتاي شىركەتلىرى مەزكۇر كانلىقلارنى ئېچىش ئۈچۈن جىددىي كىرىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت