ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى لۈكچۈن ۋەقەسىنىڭ جەريانلىرىنى ئوچۇق ئاشكارىلاشقا چاقىردى


2013.06.27

چارشەنبە كۈنى ئاخشام ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پاترىك ۋېنترېل پىچان لۈكچۈندىكى ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ رايون ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە : « بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ بارلىق جەريانلىرىنى ئوچۇق ئاشكارىلاشقا، قولغا ئېلىنغانلارنى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇنلىرى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

باياناتچى پاترىك ۋېنترېل سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈتقان تۈرلۈك كەمسىتىش سىياسىتى ۋە چەكلىمىلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلماقتا. ۋەقەدىن كېيىن لۈكچۈنگە يېتىپ بارغان فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، لۈكچۈننىڭ قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، ھەممە يەردە كىملىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ۋەقە مەيدانىنىڭ پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنىپ، ھېچكىمنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.