ما شىڭرۇينىڭ بايىنغولىن زىيارىتىدە «ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-01-06
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 5-يانۋار كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستىدا خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ما شىڭرۇي «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭى تىپتىكى شەھەر-بازارلارنى كېڭەيتىش، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تالانت ئىگىلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ كۈچلۈك سانائەت ئوبلاستى قۇرۇپ چىقىش» نى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە باشقا ئىگىلىك شەكىللىرى ئارقىلىق باي بولۇشقا يۈزلىنىش ھەققىدە ۋەز ئېيتقان.

زىيارەت جەريانىدا ما شىڭرۇي يەنە كورلا شەھىرىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە كونتروللۇقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان. شۇنىڭدەك رەقەملىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى تەكىتلىگەن. شۇ قاتاردا تارىم نېفىتلىكىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەن ما شىڭرۇي بۇ ئورۇنلاردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنى قېزىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، شۇ ئارقىلىق كۈچلۈك سانائەت شەھىرى بەرپا قىلىپ چىقىش ھەققىدە سۆز قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي بۇ قېتىممۇ «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى»، «3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا (خىتاي) كىملىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەندەك كونا سۆزلەرنى تەكرارلىغان بولسىمۇ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش»، «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش» دېگەندەك سابىق سېكرېتار چېن چۈەنگو ئەڭ كۆپ تەكىتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلمىغان. ئەكسىچە بايىنغولىن تەۋەسىدىكى ئوخشىمىغان ساھەنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى بىردەك لاگېرلارغا قامىۋېتىلگەن بولۇپ، بارلىق ئىگىلىك ساھەسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان بىر قىسىم ئېمبارگو (جازا) تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا روشەن تەۋرىنىش كۆرۈنۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىقتىسادىي تېمىنى مۇھىم مەركەز قىلىشى بۇ ساھەدىكى بەزى سوئاللارغا جاۋاب بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت