مۇتەخەسسىسلەر كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلارنى «ماگنېتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالاشقا چاقىرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېن چۈەنگو ۋە شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئەمەلدارلىرىنى «ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاشقا چاقىرغان.

كانادانىڭ «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىلى ۋە دىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ دەل كانادا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى جازالاش ئۈچۈن تۈزگەن «ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالىنىشى زۆرۈر بولغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرىقى بۇ قانۇن تۈزۈلگىلى 18 ئاي بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بىرەرمۇ خىتاي ئەمەلدارىنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇلار بىردەك كانادا ھۆكۈمىتىنى ئەمدى پوزىتسىيىسىنى جىددىي ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان. 

كانادادىكى ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى ئېرول مەندەس «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەتتۇر. بىز ھېچ بولمىغاندا بۇ قانۇن ئارقىلىق بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك،» دېگەن. 

ئۇ يەنە بۇ قانۇننى ئىجرا قىلغاندا خىتاينىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر بىز ھېلىھەم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى پوزىتسىيىمىزنى قوغداپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا بىز ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك،» دېگەن. 

كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرستىيا فىرىلەندنىڭ باياناتچىسى ئادام ئاستىن بۇ گېزىتكە قايتۇرغان ئىنكاسىدا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەر پۇرسەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىراق ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى چىقارغان ياكى چىقارمايدىغانلىقى ھەققىدە گەپ قىلمىغان. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر نۇرغۇن خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ كاناداغا يۆتكەپ كېلىۋالغان مال-مۈلۈكلىرى بار بولغاچقا، ئەگەر كانادا «ماگنېتسكىي قانۇنى» نى يولغا قويغان تەقدىردە بۇنىڭ چوقۇم تەسىرى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن. 

كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سابىق دىپلوماتى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى چارلېس بۇرتۇن كانادانى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىپ «كانادا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى كۈچلۈك تۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا خىتاي كانادادىن ئەيمىنىدىغان بولىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت