خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇر ئېلىدە «ماھىيەتتىن ئۆزگەرتىش» سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى بەرپا قىلىپ، بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى بۇ ئورۇنلارغا سولاش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، غەربنىڭ تەنقىدلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ ماقالە، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئوبزورچىسى شەن رېنپىڭ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىگە «شارائىتىڭىز يار بەرسە شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىڭ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ يېقىندا «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ قايتىدىن بىخەتەر بولغانلىقىنى ئەمەلىي ھېس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «. . . شىنجاڭنىڭ ھازىر بىخەتەر ئىكەنلىكى ئەمەلىيەت، كوچىلاردا ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى شىنجاڭدا ھەر ۋاقىت ئىش چىقىش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئېغىر جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. . . زوراۋان-تېررورچىلارنى قوغلاپ يوقىتىش قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىش باشقا ئىش. بۇ تەننەرخنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ناھايىتى زور ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشىدۇر. بۈگۈنكى شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ماھىيەتتىن تۈزەشتىن ئىبارەت تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە».

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ۋە بولۇپمۇ يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل بىر مىللەتنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى يۇقىرىدىكى سۆزى ئارقىلىق يۇقىرىدىكى بۇ تەھلىلنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەرگەن.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئوبزورچىسى شەن رېنپىڭ يەنە ماقالىسىدە چەتئەللەردىكى ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «غەربتىكى بەزى كۈچلەر توختىماي شىنجاڭدىن قۇسۇر ئىزدىدى، ئۇلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ قانداق قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار بىئارام بولىدۇ. ھالبۇكى، شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭى، شۇنداقلا بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ شىنجاڭى. . . بىز شىنجاڭنى ئۆزىگە تەۋە، ئۈنۈملۈك مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىيات يولىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. بىز غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا قانداق باھا بېرىشىگە پەرۋا قىلمايمىز» دېگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئوبزور ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە خىتايلارنى دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى قوللاشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت