مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلارغا ئىقتىسادىي چىقىم تۆلىمەكچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-04-20
Share


ھىندى ئوكياندا قازاغا ئۇچرىغان مالايشىيا ئايروپىلانىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى كۇالا - لامپوردا مالايشىيا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمزە زەينىددىن بىلەن كۆرۈشكەندە زەينىددىن ئۇلارغا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەينىددىن مالايشىيا ھۆكۈمىتى ياكى مالايشىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقىپ، قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋائىباتلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس بىر فوندى جەمئىيەت قۇرۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۇرگەن، ئەمما مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت تەرتىپلىرىنى ئاشكارىلىمىغان.

زەينىددىن سۆزىدە مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئادەمگە ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە قازاغا ئۇچرىغان 227 ئادەمنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، قازاغا ئۇچرىغانلار ئىچىدە بىر نەپەر ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر مەخسۇس ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى دېڭىز ئاستىدا چۆكۈپ كەتكەن ئايروپىلاننى ئىزدەش ئېلىپ بارماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت