مالايشىيادىكى ئىسلام تەتقىقات ئورنى مالايشىيانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.03.02

مالايشىيادىكى بىر ئىسلام تەتقىقات ئورنى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

2017‏-يىلى 11‏-ئايدا تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئاز دېگەندە 11 نەپىرى بۇ يىل 1‏-ئايدا مالايشىيا ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مالايشىيادىن دەرھال تۇتقۇنلارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مالايشىيادىكى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ۋە ئىسلامى جامائەتلەر مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

سىنگاپوردا چىقىدىغان «ئاسىيا ۋاقتى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيادىكى «ئىسلامى ئويغىنىش فرونتى» ناملىق ئىسلام تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئەخمەت فارۇق مۇسا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي جازاسىدىن قېچىپ چىققان بولسا، بۇ گەرچە خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىسىمۇ، ھەتتا مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتايغا قەرز بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك.»

مالايشىيا «ئىسلامىي ئويغىنىش فرونتى» دىن بۇرۇن مالايشىيا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. مەزكۇر ئورگان مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەخمەت فارۇق مۇسا سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئادىل سەھنە يارىتىپ بېرىلىشىنى، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا راستىنلا چېتىشلىق ياكى چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر مالايشىيا دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، بۇ سايلام ھارپىسىدا ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ تونۇتۇۋاتقان مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە زىيانلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.