مالايسىيا ھۆكۈمىتى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.31

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارىتا مالايسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى خىتاي تەرەپنىڭ دىققىتىگە سۇنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا «چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قاراپ چاپلاش سۈيىقەستى» ھەققىدىكى بىر قاتار ماتېرىيالنى تەييارلاپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئالدىنىپ قالماسلىققا ئۈندىگەن. مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفىدىن ئابدۇللا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مالايسىيا بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارا قويۇق ئىشەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئوچۇق ئاشكارىمۇ تەنقىد قىلمايدۇ» دېگەن ئىدى.


30-دېكابىر كۈنى مالايسىيا ھۆكۈمىتى پايتەخت كۇئالا لۇمپۇردىكى «ئىسلامىي تەپەككۈر ۋە مەدەنىيەت خەلقئارا ئىنىستىتۇتى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇماتلارنى دەلىللەشكە مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى. مالايسىيادىكى «بوغۇز ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مالايسىيا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق ھەركىتى بار ياكى يوقلۇقىنى، بۇ جايدا تېرورلۇقنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش» نى ئۈمىد قىلماقتىكەن. 

كۇئالا لۇمپۇردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى مۇسۇلمانلار ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى توختىسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان ئىدى. خىتاينىڭ مالايسىيادىكى باش ئەلچىسى بەي تيەن بولسا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ: «بىز بۇ خىلدىكى ئاساسسىز تۆھمەتنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەد ماخاتىر: «بىز مالايسىياغا قېچىپ كەلگەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلسىمۇ ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغاننىڭ ئەتىسىگە توغرا كەلگەن.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.