مالايشىيادا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.13

مالايشىيا چېگراسىدىن ئۆتكەن 11 ئۇيغۇر قاچقۇننىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

«بۈگۈنكى مالايشىيا» تورىدا 13-فېۋرال كۈنى شان كاڭ ئىمزاسىدىكى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى كۈچلۈك تەلەپ قىلىنغان. خەتتە نۇقتىلىق قىلىپ، «ئەسلى ماكانىغا قايتۇرۇلسا ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولۇشى ئېنىق بولغان قاچقۇنلارنى مەجبۇرىي شۇ جايغا قايتۇرۇش خەلقئارادا مەنئى قىلىنغان ئورتاق پرىنسىپ. شۇڭا مالايشىيا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ پرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى شەرت» دېيىلىدۇ. 

بۇ ھەقتە سىنگاپوردىكى نەنياڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق راجاراتنام خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىمى دوكتور جېيمىس دورسېيمۇ بىر پارچە زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلدى. تۈنۈگۈندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ ھەمبەھىرلەنگەن بۇ ماقالىدا مالايشىيادا قولغا ئېلىنغان 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنى دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان بىر ماكانغا يولغا سېلىپ قويۇشقا باراۋەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

دوكتور جېيمىس دورسېي ماقالىسىدە تېخىمۇ مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىقىش كەچۈرمىشلىرىگە باغلىنىشلىق ئارقا كۆرۈنۈشلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەدبىرلىرىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قانداق روللارنى ئويناۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك خىتايغا قوشنا پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قانداق ياردەملەردە بولۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.