ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ مالايشىياغا يېتىپ بارغان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىدىن 11 كىشىنى مالايشىيا ساقچىلىرى قولغا ئالغانلىق ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

12-فېۋرال كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پۇقراۋىي تەشكىلاتلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە يوللىنىدىغان كوللېكتىپ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويدى. مەزكۇر ئوچۇق خەت تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە ۋە مالاي تىللىرىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن قېچىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ئاندىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارغا ئۆلۈمدىن باشقا يول يوقلۇقى شەرھىلىنىدۇ.

مەزكۇر خەتتە يەنە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىخچام قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان رايونى ھازىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا يېتىپ كەلدۇق، دەپ ئويلىغان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشنى ھەرگىز خالىمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا قىينىلىپ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن مالايشىيادا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئەۋزەل ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ھېچبولمىغاندا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىشتىن مەھرۇم قالمايدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئوچۇق خەتتە بۇ توغرىلىق: «بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى شېھىت قىلىش جەريانىدا سەرپ قىلغان بارلىق ئىقتىسادىي چىقىملار ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك تۆلەملەر بولسا، ھەممىنى بىز ئۈستىمىزگە ئېلىپ تۆلەشكە تەييارمىز» دېيىلگەن.

مەزكۇر ئوچۇق خەت توغرىلىق قىلغان پىكىر قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «بۇ ئوچۇق خەتتە نەق ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىدىكى گەپلەر ئېيتىلغان. بۇ ۋەقە بىزنى يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندىمەكتە» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت