مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنى زىيارەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم چەتئەل دىپلوماتلىرىنى لاگېرلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىگەندىن كېيىن، مالايسىيا ۋە ھېندونېزىيەدىن كەلگەن 11 مۇخبىر 23-فېۋرالدىن باشلاپ ئۈرۈمچى، ئاتۇش، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى بۇ جايلاردا مەكتەپلەر، مەسچىتلەر ۋە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئۇلارنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىق ئىسلام «ئۆلىمالىرى» ئۇيغۇرلار دىيارىدا قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستان، مىسىر، رۇسىيە، كۇبا، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللىرىنى ۋە بىر قىسىم دىپلوماتلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىگەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەكىللەرگە بىردەك ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» ئەۋج ئالغانلىقتىن ئاشۇ خىل ئىدىيەلەر بىلەن «يۇقۇملانغان» كىشىلەرنى «تەربىيەلەش» كە توغرا كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىجابىي رولى بولىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئۈچۈن قانداق ساختا مەيدان ھازىرلاۋاتقانلىقى، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى خۇددى قۇياشنى ئېتەك بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنغانغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بۇنداق ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق دۇنيانى ئالداش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت