خىتاي «11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىز ئورۇنلۇق»، دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى مالايشىيادىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.خىتاي ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان  «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى 11-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مالايسىيا ھۆكۈمىتىدىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنتايىن يوللۇق بىر تەلەپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇلار، يۇقىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكى ۋە تېررور تەشكىلاتلىرىغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، «باشقا ھەرقانداق غەرب دۆلىتى يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋالدا چوقۇم بىزگە ئوخشاش يول تۇتقان بولاتتى.شۇڭا غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ مالايشىيادىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى تەلەپ قىلىشىغا قارىتا ‹ئىككى خىل ئۆلچەم› قويماسلىقى كېرەك» دەپ يازغان.  

رويتېرس ئاگېنتلىقى تايلاندتىن قاچقاندىن كېيىن مالايشىيادا قولغا چۈشۈپ قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىقلار بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيادىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرغان شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئوبزورىدا لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇ يۇڭبياۋ ئىسىملىك بىر يېتەكچىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلارغا ئۇيغۇنلۇقىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلار قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ھازىرغىچە تايلاند، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر ئېلىنالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قېيىن - قىستاق ۋە تۈرمە جازاسىغا ئۇچرىغان بولۇشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مالايسىيا ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ - قايتۇرماسلىقنىڭ مالايشىيانىڭ ئۆز ئىختىيارى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنى جىددىي ئەندىشىگە سالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت